خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش» تەلىپىنى چۆرىدىگەن ھالدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان خوڭكوڭدىكى نامايىشتا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى جانلىق ئوتتۇرىغا چىققان.
19-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان سۈرەتلەرنىڭ بىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىشچىلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى تىپىك ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرەتلەرنى كۆتۈرۈپ چىققان.
بۇ سۈرەتلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تىزىلىپ ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى بېرىلگەن بولسا قالغانلىرىدا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ھەمدە ھاسىلىق ئۇيغۇر ئايالنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ برونېۋىك ماشىنىلىرىنى ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇرلاۋاتقان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن. نامايىشچىلارنىڭ بۇ رەسىملەرنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىغا چاپلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى ۋە خوڭكوڭ ساقچىسىنىڭ بۇنى توسۇپ قېلىشقا ئاجىز كېلىشى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئويلاندۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنى ھەرقانداق گۇماندارنى، جۈملىدىن سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە بېيجىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ «خوڭكوڭدىكى بارلىق تۈزۈملەر 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ» دېگەن ۋەدىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى سۈرەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە سۆز قىلغان بەزى ئانالىزچىلار «خوڭكوڭلۇقلار بۇ جاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئوخشاش سىياسىي باستۇرۇش بىلەن تولغان بىر ماكان بولۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلماقتا،» دېدى.