باش شتابى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى HSBC بانكىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن «شىنجاڭ تيەنيى خىمىيە-پلاستىك شىركىتى» نىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى. «بۇ دېگەن پۇل» ناملىق ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، HSBC نامسىز بىر خېرىدارى ئۈچۈن تيەنيى شىركىتىنىڭ 2 مىليون 200 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى سېتىۋالغان.
ھالبۇكى، «شىنجاڭ تيەنيې خمىيە-پلاستىك شىركىتى» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قارمىقىدىكى تارماق شىركەت بولۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش-يېرىم قوراللىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ بۇ شىركىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە خورلاشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جازاسىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەتئەل مۈلكىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى 2020-يىلى 7-ئايدا بىڭتۇەنگە ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە پارتلامېنتى ئەزاسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىئيان دۇنكان سىمىت ئەنگلىيەنىڭ «يەكشەنبە ۋاقتى» گېزىتىدە HSBC نىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ «HSBC مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى كۆپ ئىلتىپات كۆرسەتكەندەك قىلىدۇ» دېگەن. بىراق HSBC ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بارلىق قانۇن ۋە چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.