«تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» دىكى باش ئوبرازنىڭ خۇاڭ ۋېنبىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىماقتا
2023.08.22
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى يېقىندا تۇرپان رايونىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. 21-ئاۋغۇستتا تۇرپاندىكى «ئۈزۈم بايرىمى» زور تەنتەنە بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «بەختىيار ھايات» نىڭ بىر كارتىنىسى ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە تۇرپاندا چاقىرىلغان، خىتايدىن ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن 140 نەچچە مۇتەخەسسىس قاتناشقان «6-نۆۋەتلىك تۇرپانشۇناسلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا خىتاي ئارخېئولوگىيەسىدىكى نامدار شەخسلەردىن خۇاڭ ۋېنبى تۇرپاندىن توپلىغان خىتايچە ۋەسىقىلەر توپلىمىنى تارقاتقان.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خۇاڭ ۋېنبى 1927-يىلى تۇرپاندا نەق مەيدان تەكشۈرۈشى جەريانىدا بىر قىسىم خىتايچە يېزىقتىكى ۋەسىقىلەرنى توپلىغان. بۇ ۋەسىقىلەر بولسا بۈگۈنكى كۈندە غەربىي يۇرت تارىخىنى شەرھلەشتە زور قىممەتكە ئىگە، دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان. ئەمما خەۋەردە ئەينى ۋاقىتتا خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى داڭلىق ئېكىسپېدىتسىيەچى سىۋېن ھېدىن (Sven Hedin) باشلاپ ماڭغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقى، شۇنداقلا سۋېن ھېدىننىڭ سايىسىدا تۇرپاندىكى تەكشۈرۈشتە بىر قىسىم خىتايچە قەدىمىي ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.
«تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ئەمەلىيەتتە ياۋروپا ئالىملىرى، جۈملىدىن ئالبېرت گرۇنۋېدىل (Albert Grünwedel)، ئالبېرت لېكوك (Albert von Le Coq) ) قاتارلىق بىر تۈركۈم گېرمانىيە تۈركولوگلىرى تۇرپاندىن توپلىغان غايەت زور مىقداردىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، شۇنىڭدەك تۈرلۈك يازما ھۆججەتلەرنى ئوقۇش ۋە يېشىش ئاساسىدا باشلانغان ئىدى. يەنە كېلىپ تۇرپان رايونى ئەينى ۋاقىتتا بۇددىزىمنىڭ ھىندىستاندىن شەرققە تارقىلىشىدىكى بىر مۇھىم ئۆتكەل بولۇش بىلەن بىرگە خىتاي تارىخنامىلىرىدا «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىدى. شۇڭا بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار مەدەنىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى بىر چوڭ تېما بولۇش بىلەن بىرگە دۇنيا مىقياسىدا كۆپلىگەن ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق «تۇرپانشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنى» دا ئالايىتەن خۇاڭ ۋېنبىنى مەركىزىي شەخس تەرىقىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىشى، ھەممىلا يەرنى قاپلاشقا باشلىغان «خىتايچىلاشتۇرۇش» شامىلىنىڭ مەدەنىيەتشۇناسلىق ساھەسىگىمۇ يېيىلىۋاتقانلىقى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.