ئاۋسترالىيە ستېراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەركەتلىرىگە تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ دەلىللىرىنى ئاشكارىلىغان.
«خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ خەلقئارا ۋاكالەتچىلىرىدىن جون سۇففولك بۇ يىل 6-ئايدا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك ساھەسىگە بىۋاستە مۇلازىمەت قىلمايدىغانلىقى، پەقەت ئۇلار بىلەن3 -تەرەپ توختاملاشقۇچى سۈپىتىدە تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئاۋسترالىيەنىڭ مەزكۇر تەتقىقات ئورنى تۆنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ يازما ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ قاراماي ج خ ئىدارىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ باشقارمىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىلىرى بىلەن بىرقانچە خىل تېخنىكالىق مۇلازىمەتلەردە ھەمكارلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا يەنە «خۇاۋېي» نىڭ شىنجاڭ رادىئو-تېلىۋىزىيە تور ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەنمۇ ھەمكارلىقى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىزمەت غايىسى «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىدىكى نەتىجىلىرى توغرىلىق ئىجابىي جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئاۋسترالىيەنىڭ مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىدىن ۋىكىي شۈ خانىم بۈگۈن «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «‹خۇاۋېي› نىڭ شىنجاڭدىكى دائىرىلەر بىلەن بىۋاستە ھەمكارلاشمىدۇق دېگىنى پۈتۈنلەي مەنتىقىسز،» دېگەن. «خۇاۋېي» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىقىنىڭ «ھىكىۋىژيون» شىركىتىدىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋىكىي شۈ خانىم «خۇاۋېي» نىڭ «ھۆكۈمەت نېمىنى بۇيرۇسا، شۇنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئىجرا قىلىدىغان بىر شىركەت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا «تىك-توك» شىركىتىنىڭمۇ خىتاي بىلەن ھەماكارلاشقانلىقىنىڭ دەللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.