كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان «خۇاۋېي كرىزىسى» خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ كانادادىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان.
ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تىلەندىبايېۋانىڭ كانادا تاراتقۇلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھۈسەنجان جېلىلنىڭ مەسىلىسى «خۇاۋېي كرىزىسى» نىڭ كۆلەڭگىسىدە قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. كانادا ئەدلىيە تارماقلىرى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىسى-خۇئاۋېي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە باش بوغالتىرى مېڭ ۋەنجۇنى قولغا ئالغان. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا تۇرۇشلۇق كانادا پۇقرالىرىدىن بىرقانچە كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلاردىن بىر كىشىنى «ئەتكەسچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغان ئىدى. كانادادىكى «يەر شارى خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كامىلە تىلەندىبايېۋا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ «مېڭ ۋەنجۇ ۋەقەسى» سەۋەبلىك ھۈسەنجان جېلىلنى قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كېچىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھۈسەنجان جېلىل 2006-يىلى كانادادىن ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇ 2007-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا بۇيرۇلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2016-يىلى ئۇنىڭ قاماق جازاسى 20 يىلغا قىسقارتىلغان.
ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى ئىلگىرى كانادا تاراتقۇلىرىدا كۆپ تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردا پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ قېلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم «يەر شارى خەۋەرلىرى» قانىلى ئۇنىڭ مەسىلىسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە قويغان. كامىلە تىلەندىبايېۋا «يەر شارى خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە، بۇ يىل 1-مارت يېتىپ كەلسە ئۇنىڭ 50 ياشقا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كانادانىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىدە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى باش مىنىستىر جاستىن ترېدو خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىگەن. لېكىن «يەر شارى خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىز بۇ مەسىلىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشلىرىدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز» دېگەن.