ئۆتكەن ھەپتە كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دومىنىك بارتوننىڭكانادا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۆسەنجان جېلىلنى «كانادا پۇقراسى ئەمەس» دېيىشى، ھۆسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى ۋە كانادا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
دومىنىك بارتوننىڭ سۆزى كانادا پارلامېنتىدا مۇنازىرە قوزغاپ، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانشىئوس فىلىپپې دومىنىك بارتوننىڭ سۆزىگە چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. فرانشىئوس فىلىپپې دومىنىك بارتوننىڭ سۆزىنى تۈزىتىپ، كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەنجان جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دومىنىك بارتون ئۆتكەن ھەپتە كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى گارنېت گېنىيۇسنىڭ ھۆسەنجان جېلىل ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھۆسەنجان جېلىلنى «كانادا پۇقراسى ئەمەس» دېگەن. ئۇنىڭ سۆزى پارلامېنت ئەزالىرىنى، ھۆسەنجان جېلىلنىڭ ئائىلىسى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.
ھۆسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تىلەندىبايېۋا كانادادىكى «دۆلەت پوچتىسى» تور گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بارتوننىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ، ھۆسەنجان جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق گۇمان يوقلىغىنى تەكىتلەپ، ئۆزىدە بۇنىڭغا دائىر «بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە «لىبېراللار 14 يىلدىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان يولدىشىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچىشى كېرەك» دېگەن.
دومىنىك بارتون كانادا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ ئەتىسى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانشىئوس فىلىپپې ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، ھۆسەنجان جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
«دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانشىئوس فىلپپې، «بىز ھەر بىر كانادالىققا قىلىپ كېلىۋاتقاندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا ئەمەلدارلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشى، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىگە يول قويۇشنى چاقىرىمىز» دېگەن.
ھۆسەنجان جېلىل 2006-يىلى ئۆزبېكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.