يېقىندا كانادا ھۆكۈمىتى كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مايكىل چوڭ (Michael Chong) نىڭ خوڭكوڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىش قىلمىشىغا چېتىشلىق خىتاي دىپلوماتنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز ھالدا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان، كېيىنچە 20 يىللىق قاماققا ئۆزگەرتىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى.
«تورونتو يۇلتۇزى» گېزىتىنىڭ 11-مايدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، كانادا پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر دىنىي زات ھۈسەيىن جېلىل دۇچ كەلگەن تەھدىت ۋە قاماق جازاسى مايكىل چوڭ ئۇچرىغان ھادىسىدىن كۆپ ئېغىر. يەنە كېلىپ ئۇ كانادا پاسپورتى بىلەن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۇنى قولغا ئالغان ھەمدە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان 17 يىلنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «مايكىل چوڭغا تەھدىت سالغان ۋە قورقۇتماقچى بولغان خىتاي دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىش توغرا بولغان بىر قەدەم. بۇنداق بولغانىكەن، بۇنچە ئۇزۇن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل توغرىسىدا جەزمەن تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ھەرىكەتلەر بارلىققا كېلىشى كېرەك» دېگەن.
ئاپتور مۇشۇ خىل رېئاللىقنى تەكىتلىگەن ھالدا ھۈسەيىن جېلىل ۋە باشقا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەتنى جارى قىلدۇرۇشنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى يېقىندا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈشنى جىددىي ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھازىر ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەن.