ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كانادا ھۆكۈمىتىنى ئېرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدىكى كانادا پۇقراسى، سىياسىي مەھبۇس ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تىلەندىبايېۋا كانادا ھۆكۈمىتىنى ئېرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. كانادا «يۇلتۇز گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامىلە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قاماق جازاسى قىسقارتىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما بۇ قانائەتلىنەرلىك ئەمەس، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى 20 يىلغا قىسقارتقان. ھۈسەيىن جېلىل 2006‏-يىلى ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2007‏-يىلى ئۇنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

كامىلە تېلەندىبايېۋا «يۇلتۇز»گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇ خەۋەردىن خۇرسەن بولدۇم. ئەمدى كانادا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.... ترېدو ئەپەندى )كانادا باش مىنىستىرى( بىر ئىش قىلىشى كېرەك. كانادا ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى كۈتىمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ھۈسەيىن جېلىلنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە چىقارغان. ئۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كامىلە تىلەندىبايېۋا: «ئېھتىمال...... ئۇلار ئۇنى كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن ئۇنى چۈشىنىمەن، ئۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقانغا، بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانغا 10 يىل بولدى. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ» دېگەن.