خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدونىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل قاتارلىق بەزى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىشىگە كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
كانادا باش مىنىستېرىنىڭ خىتاي زىيارىتى كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ. خەلقئار كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئالېكس نەۋې 29-نويابىر تېرېدوغا يازغان مەكتۇپىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى 16 مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھۆسەنجان جېلىل، فالۇنگوڭچى چيەن سۈن، ۋە خىتاي ئۆكتىچىسى ۋاڭ بىڭجاڭنىڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.
ئالېكىس نەۋېنىڭ مەكتۇپىدا مۇنداق دېيىلگەن: «كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان، قانۇنسىز قامالغان ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچار بولۇۋاتقان كانادالىقلار ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كىشىلەر سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى دېلولارغا 10 يىلدىن ئاشتى. بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىزنى كۈتىمىز.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى فارىدا دەئىف 30-نويابىر ئېلان قىلغان مەكتۇپىدا، تېرىدونىڭ زىيارىتى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. فارىدا دەئىف، خىتاينىڭ يېقىندا تەيۋەنلىك پائالىيەتچى لى مىڭچىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، ئۆتكەن ھەپتە ئادۋوكات جياڭ تيەنيوڭنىڭ كېسىلگەنلىكى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، «كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل 10 يىلدىن بېرى كانادا دىپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەي ئۆمرى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتۈۋاتىدۇ،» دەپ تەكىتلەنگەن. ئۇ يەنە تېرىدونىڭ خىتاينى ليۇ شيا ۋە تۈرمىدىكى باشقا مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشىنى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، بۇنىڭ خىتايغا يول قويۇپ، كانادانىڭ قىممەت قارىشىغا خىيانەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.