يېقىندا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېللىئوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە تاپشۇرۇپ ئالغانىدى.
مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار گېزىتى «ھەتچەت» (Hatchet) تور بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، ئالغان بۇ پۇل سىياسىي مەزمۇنىنىڭ سىرتىدا يەنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. 900 مىڭ دوللار نامسىز كىشىدىن كەلگەن بۇ ئىئانە پۇلنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكى توغرىسىدا دەرسلەرنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇر تەتقىقات سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.
ئۇنىۋېرسىتېت باياناتچىسى جۇلىيا مەجىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ فوندى بىر ئوقۇتقۇچىنى مەڭگۈلۈك ئىشقا ئېلىش ئۈچۈن يەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر تىلى دەرسلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن قوشۇمچە تىل پروفېسسورىنى ئىشقا ئېلىشقا يېتىدىكەن. ئۈچ يىل ئىچىدە يۇقىرى سەۋىيەدىن باشلاپ ئۈچ دەرىجىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئاچىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئالدىنقى 3 يىلدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېچىلغان دەرسلەرگە قىزىقىشى ئالاھىدە بولغان.
مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ياردەمچى پروفېسسورى ئېرىك شلۇسېل رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىئانە قىلىنغان 900 مىڭ دوللارنىڭ پەقەت ئۆسۈمىنىلا خەجلەشكە بولىدىكەن. بۇ پۇلنى خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ پروگرامما ئۇيغۇر تارىخىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قوغداشتا چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدىكەن.
2014-يىلى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدىكى خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغانىدى.
