خىتاي دائىرىلىرى ئىبنور كۆلى ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئىبنور كۆلى ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بورتالا ئوبلاستى يېقىندا ئىبنور كۆلى ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇئەسسەسىلىرىنى پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلىغان، كۆلدىن ئارتېمىيە قوڭغۇزى تۇتۇپ جان باقىدىغان كىشىلەرنى قوغلىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ چېقىش ھەرىكىتى خىتاي مەركىزى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئاساسەن قوزغالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئۇيغۇر ئېلىگە بىر ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. گۇرۇپپا بۇ يىل 2-يانۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىگە تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلغان.

ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە بورتالا تەۋەسىدىكى ئارتېمىيە قوڭغۇزى تۇخۇمى مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان «بوئەيفېڭ» بىئو بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئىبنور كۆلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئەڭ ئېغىر بۇلغايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.

ئىبنور كۆلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆللەرنىڭ بىرى. ئومۇمىي كۆلىمى 650 كۋادرات كىلومېتىر بولغان بۇ كۆل ئىنتايىن مول كىچىك راك ئائىلىسىگە تەۋە ئارتېمىيە قوڭغۇزى زاپىسىغا ئىگە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئارتېمىيە قوڭغۇزىنىڭ تۇخۇمى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېمىكى بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا بازاردا يۇقىرى باھادا سېتىلىدىكەن.

شۇڭلاشقا ھەربىي يىلى ئاۋغۇستتىن نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىبنور كۆلىگە كېلىپ ئارتېمىيە قوڭغۇزىنىڭ تۇخۇمىنى يىغىدىغانلار سانى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا بۇ خىلدىكى قالايمىقان يىغىش ھەرىكەتلىرى كۆلنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىراتقان.

ئىلگىرى دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى - باغراش كۆلىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.