خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر رايونىدا «ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلغۇچى» لارنىڭ 81 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن
2024.01.11
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» تورى، «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 11-يانۋار كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا «ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىشنى باشقۇرۇش مەركىزى» گە تىزىملاتقانلار 81 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ مەركەزنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەنسۇر نامان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ھازىر ئىچكى ئەزا قىلىشنى توغرا چۈشىنىدىغان ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2013-يىلدىن باشلاپلا، ئۆلگەنلەردىن ئىچكى ئەزا ئېلىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، 2017-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭ ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇپ، ئالاقىچىلار ۋە ماسلاشتۇرغۇچىلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ھەر ۋىلايەتتە ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش خىزمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، «ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلدۇرۇش خىزمىتى سەپەرۋەرلىكى» نى باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىزمەتنى 2017-يىلدىن باشلاپ كۈچەيتىشى ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولانغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان يىلغا توغرا كېلىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەزەلدىن مەخپىي تۇتۇپ كەلگەن بۇ مەسىلىنى مەتبۇئاتتا باشقا نۇقتىدىن تەشۋىق قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
«ئەل جەزىرە» قانىلىدا، خىتاينىڭ ئۇچۇرنى قانداق مونوپول قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «مەخپىيەتلىك» دەپ قارىلىپ كەلگەن بىر مەسىلىنى ئاشكارا خەۋەر قىلغاندا، ئۇنى باشقىلارغا ئادەتتىكى مەسىلىدەك كۆرسەتكىلى بولىدىكەن ۋە خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ «راستنى يالغانغا، يالغاننى راستقا ئايلاندۇرۇش، ئۇچۇرنى پۇچەكلەشتۈرۈش، كىشىلەرنى سەزگۈر مەسىلىگە قارىتا بىخۇتلاشتۇرۇش» مەقسىتىگە يېتىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئىچكى ئەزا يىغىش ۋە ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرى دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، بۇ ھەقتە چىققان دوكلات ۋە خەۋەرلەردە، خىتايدا ئەزەلدىن قانچە ئادەمنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلانمايدىغانلىقى مەلۇم، قانچە ئادەمنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئىچكى ئەزاسىدىن ۋە ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بولسا تېخىمۇ مەخپىي.
كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمان رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، لاگېردىن چىققان قازاق شاھىتلارنىڭ بايانىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردىن ھەر يىلى تىرىك ئورگانلىرى ئېلىنىۋاتقانلارنىڭ سانىنىڭ 35 مىڭغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.