8 - ئاپرىل جۈمە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ شەھىرىدە باشلانغان موڭغۇللارنىڭ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى 12 - ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى 4 - كۈنىگە قەدەم قويدى. چارۋىچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلار باشلىقى نۇرشۇن ھۇرىچنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
رادىيومىز سەيشەنبە كۈنى ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە ئەتىگەن 200 دىن ئارتۇق موڭغۇل چارۋىچى، بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلىپ، شۇ كۈنى سەھەردە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن نامايىشچىلار باشلامچىسى نورشۇن ھۇرىچنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى، ناھىيىدىكى ئاليۇمىن زاۋۇتى تەسىرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن چارۋىلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى ۋە قوغۇشۇن زاۋۇتىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۇرشۇن ھۇرىچ ئۆتكەن ھەپتە تۇنجى قېتىم ئاممىۋى تاراتقۇلارغا ناھىيىدىكى ئاليۇمىن زاۋۇتى قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك كېرەكسىز ماددىلار سەۋەبىدىن ئۆلگەن چارۋىلار ھەققىدىكى سىنئالغۇنى يوللاپ، ناھىيىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان. ئۇ، ئۆزى بېقىۋاتقان چارۋىلار ئىچىدىلا 30دىن 40 تۇياققىچە قوينىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدىن باشلاپ چارۋىچىلارنىڭ قويلىرىنىڭ ھەر كۈنى 3 - 4 تىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، بازارلىق ھۆكۈمەتتىن قوغۇشۇن زاۋۇتىنى دەرھال تاقاشنى ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئۆلگەن قويلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.
رادىئومىزغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرشۇن ھۇرىچنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكەن ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ موڭغۇل چارۋىچىلار بازارلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.