مەركىزى نيۇيوركتىكى ئىچكى موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەسلىدىكى نامى ئۇلانخاد بولغان ۋە ھازىر چېفىڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان شەھەردىكى بىر قىسىم موڭغۇل ئاتا، ئانىلار شۇ جايدىكى مائارىپ ئىدارىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى قىلغان.
بۇنىڭ سەۋەبى، چىفىڭ شەھىرىدە موڭغۇل تىلى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدىغان ئىككى يەسلىلا بار بولۇپ، يېقىندا بۇ يەسلىلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىككى نەپەر خىتاي باشلىق كېلەر-كەلمەيلا بۇ يەسلى ئىچىدە موڭغۇل تىلىنى سۆزلەشنى چەكلىۋەتكەن.
بۇنىڭ بىلەن ئاتا، ئانىلار نارازى بولۇپ، ئىمزا يىغقان ۋە شۇ يەرلىك ئاخبارات ئورگانلىرى ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلدىكى مائارىپ ئىدارىسىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئۇلار خېتىدە «بۇ يەرنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىرى بولغان بىزلەرنىڭ ئۆز تىلىمىزنى سۆزلەش ھوقۇقىمىزنى تارتىۋېلىپ، پەقەتلا خىتايچە سۆزلەشنى بۇيرۇق قىلىش ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قىلىنىۋاتقان ئۆچمەنلىك ھەرىكىتى ۋە شۇنداقلا تاجاۋۇزچىلارغا ئورتاق بولغان بىر قىلمىش» دېگەن.
بىراق، ئىچكى موڭغۇل مائارىپ ئىدارىسى ھازىرغىچە بۇ خەتكە بىر جاۋاب قايتۇرمىغان ۋە ياكى بىر تەدبىر قوللانمىغان. بىر قىسىم موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلدا موڭغۇل تىلىدا دەرس بېرىدىغان مەكتەپ ۋە يەسلىلەر سۈرئەت بىلەن ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.