ۋاڭ مېڭ: ئۇيغۇر رايوندىكى ئېگىز - پەس ئىقتىسادىي تەرەققىيات يەرلىكلەرنى نارازى قىلىدۇ


خىتاينىڭ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋاڭ مېڭ ئۇيغۇرلارنى «رادىكال مۇسۇلمانلار ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن ۋە رايوندا يولغا قويۇلغان ئېگىز - پەس ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يەرلىكلەرنى دۈشمەنلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋاڭ مېڭ 1963 - يىلىدىن 1978 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ياشىغان. ئۇ 1986 - يىلى خىتاينىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن، ئەمما 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېھرىبان، دوستانە خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكال ئەمەسلىكنى تەكىتلىگەن.

ئەمما ئۇ، رايوندا يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتتە قالدۇرۇلغانلىقىنى يۇمشاق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، جىددىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوغداشنى خالايدىغان يەرلىكلەردە ئاداۋەت پەيدا قىلغان.»

بۇ نۇقتا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ باياناتلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان مىللىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقنى قوزغاۋاتقان ئامىللارغا بەكرەك دىققەت ئاغدۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي سىياسىتىگە قاراپ چىقىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى.