خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 19-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسى» نىڭ يىللىق يىغىنى شۇ كۈنى چاقىرىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا «سىياسىي مەۋقەنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش» ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەردە «تۆت تونۇش» (سىياسىي تونۇش، چوڭ ۋەزىيەت تونۇشى، شى جىنپىڭ يادرولۇقى تونۇشى ۋە مەركەزلىك بىلەن بىردەكلىك تونۇشى)، «تۆت ئىشەنچ» (خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچ، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچ، مەدەنىيەتكە بولغان ئىشەنچ) ۋە «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» (شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى ھىمايە قىلىش ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش) نى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ نۆۋەتتىكى «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭخۇا كىملىكى قارىشىنى مۇستەھكەملەش ۋە شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» تېمىلىرى بويىچە تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كومپارتىيەنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لازىملىقى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان.
يىغىننىڭ ئەتىسى، يەنى 20-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي مەدەنىيەت-سەنئەت، تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىنىستىتۇتلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا ماڭ شىڭرۇيمۇ «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى سۇغىرىش» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «ھازىرقى ‹تۆت تونۇش›نى ‹بەش تونۇش›قا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ تەنقىدلىگەن خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى چېن پوكوڭ رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى زىيارەتلىرى جەريانىدا «خىتاي كومپارتىيەسى ھەرقاچان ئىجتىمائىي پەنلەرنى دەستەك قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دۇنياقارىشىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان شەكىلدە شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىدۇ» دېگەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى شۇنچە كۆپ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئىجتىمائىي پەن ساھەسى ئۈچۈن بۇ خىل يېڭى «سىياسىي نىشان» نى بېكىتىپ بېرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا ساھەلىرىگە دائىر تېخىمۇ كۆپ ساختا ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى تېزلىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.