ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2013.11.12
12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى بىلەن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتىن كېيىن ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 12-نويابىر ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن سائەت 4 كېچە داۋاملاشقان بولۇپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مەسئۇللىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتىنى يېقىندىن قوللاۋاتقان دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار، ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى ۋەكىللىرى، تىبەت ۋە موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا ۋاشىنگتون ۋە ۋېرجىنىيە شتاتى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۈگۈنكى تەپسىلىي خەۋەرلەر پروگراممىمىزدا نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.