دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 11- ۋە 12-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40-يىللىرىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90 يىللىقى ۋە 79 يىللىقىنى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلىدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، كوچا يۈرۈشى قىلىش، بايراق چىقىرىش، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخىي ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش، قۇربانلارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى ئېلان-سەنئەت ئېكرانى ۋە تەشۋىقات ئاپتوموبىللىرىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئىنقىلابىدا تۇتقان ئورنى ھەم ئۇنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى نامايان قىلغان بولدى.
خۇسۇسەن، 11-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىلانلىشىدا نيۇ-يوركنىڭ ئاۋات سودا مەركىزى بولغان «دەۋر مەيدانى» دىكى غايەت زور بىر تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. «دەۋر مەيدانى» دىكى زور تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا «1933-ۋە 1944-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايرىمى» دېگەن خەت يېزىلغان ھەم 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرىبى ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چىقىرىشى، دۇنيانىڭ ئەڭ قايناق سودا مەركىزى بولغان بۇ مەيداندىكى ئون مىڭلىغان تاماشىبىن ۋە ساياھەتچىنىڭ ئالاھىدە دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىمۇ ئۈچ تەرىپى ئېكرانلىق بىر ئېلان-سەنئەت ئاپتوموبىلىدا ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتكە ئائىت تارىخى رەسىملەرنى، شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» دائىر سۈرەتلەرنى چىقىرىپ، پارىژ كوچىلىرىدا نامايان قىلىشى يولۇچىلارنىڭ دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىغان. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم نيۇ-يوركنىڭ «دەۋر مەيدانى» ۋە پارىژدىن ئىبارەت ئىككى خەلقئارالىق شەھەردە دىجىتال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خاتىرىلىنىشىدۇر.
1933-يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان شەرقىي ئىسلام تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 3 ئايدەك، 1944-يىلى غۇلجانى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 5 يىلدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 11 يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان بۇ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى مۇستەقىل زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەڭ شانلىق نامايەندىسى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.