پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6-ئايدا بالۇجىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن 2 خىتاي پۇقراسىنىڭ كىملىكىنى دەلىللەپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پاكىستان ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، DNA ئەۋرىشكىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق «بۇ يىل 6-ئايدا بالۇجىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن 2 كىشىنىڭ شۇ يىلى 5-ئايدا بالۇجىستاننىڭ كۇئاتا شەھىرىدە گۆرۈگە ئېلىنغان 2 خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
24 ياشلىق لى زېڭياڭ بىلەن 26 ياشلىق مېڭ لىسى بۇ يىل 24-ماي كۈنى بالۇجىستاننىڭ جىنناھ بازىرىدا گۆرۈگە ئېلىنغان.
پاكىستان ئاخباراتى ئىلگىرى بۇ 2 خىتاي پۇقراسىنى دائېش قوراللىق گۇرۇھىنىڭ گۆرۈگە ئالغانلىقى ۋە بالۇجىستاندا تېپىلغان 2 جەسەتنىڭ شۇلارغا ئائىت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئىلگىرى بۇ ئىككىيلەننىڭ بالۇجىستانغا كېلىش مەقسىتى ھەر خىل گۇمانلارنى قوزغىغان.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنىڭ ئوردو تىلى ئۆگىنىش نامىدا كېلىپ، مىسيونىرلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بالۇجىستاننىڭ گۋادار پورتى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغان بۇ قۇرۇلۇش قەشقەرنى گۋادار پورتىغا تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بىراق، بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندەك بالۇجىستان يەرلىك خەلقىنىڭمۇ نارازىلىقىغا ئۇچراپ، بۇ رايوندىكى خىتاي قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى ۋە ئىشچىلىرى «بالۇچ ئازادلىق ئارمىيەسى» ناملىق يەرلىك قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، ھېساب سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.