ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان ئەرزدارلار سانى كۆپەيمەكتە

ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىدىن ئىلگىرى، بېيجىڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بارغانچە كۆپەيگەن.

بوشۈن تورى ۋە يېڭى ئىرا تورى، ئاپوللو تورى قاتارلىقلارنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-26-فېۋرال كۈنلىرى بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان ئەرزدارلار 100 دىن ئاشقان.

بوشۈن تورىنىڭ 26-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-فېۋرال كۈنى بېيجىڭ چاۋياڭ رايونىدا ۋە دۇڭچېڭ رايونىدا دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئەرزدارلار 50 تىن ئاشقان. ئۇندىن باشقا جەنۇبىي پويىز ۋوگزالى، تيەنئەنمىن مەيدانى قاتارلىق جايلاردا لوزۇنكا كۆتۈرۈپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن40 نەچچە ئەرزدار ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بوشۈن تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئاۋۋال توپلىنىپ نامايىش قىلغۇچىلارغا نەسىھەت قىلىش، ئەتراپتىكى توپلانغان ئاممىنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. ئاندىن ئادەم ئازايغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، لوزۇنكا كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغۇچىلارنى تۇتقان. تۇتقۇن قىلىنغان ئەرزدارلار ما جيالۇ نامىدىكى مەخسۇس ئەرزدارلار قامىلىدىغان جايغا ئېلىپ كېتىلگەن. كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بولسا شۇ رايونلاردىكى ساقچىخانىلاردا سوراق قىلىنغان.