خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى بۇ ھەپتە بېيجىڭدا باشلىنىدۇ. بىر ھەپتىدەك داۋاملىشىشى قىياس قىلىنىۋاتقان ئىككى يىغىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قارارلىرىنى قوللايدىغان سىمۋوللۇق يىغىلىش، دەپ قارالسىمۇ، بىراق بۇ يىغىن يەنىلا خىتاينىڭ كەلگۈسى يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەت نىشانى ھەققىدە سىگنال بېرىدىغان مۇھىم ئۇچرىشىش، دەپ قارالماقتا.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بېرىۋاتقان سىگناللىرى سىياسەتنىڭ بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، ئىجادچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىچكى ئىستېمالنى كۈچەيتىش يەنىلا خىزمەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن. لېكىن خەۋەردە، مەسىلىنىڭ بۇ ئىككى نىشاننى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇشتا يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىقى يەنىلا بىر سوئال ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ھالبۇكى، بۇ يىل خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانى ئاخىرلىشىپ، 2026-يىلىدىن 2030-يىلغىچە بولغان 15-يىللىق بەش پىلانى باشلىنىدىغان ھالقىلىق بىر يىل بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن، خىتاينىڭ 15-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدىمۇ، خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدىكى «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» 3-مارت كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇلنى ئۆمەك باشلىقلىقىغا سايلىغان. شۇنداقلا بۇ يىغىن ۋەكىللەرنىڭ «ئىككىنى ئورنىتىش» نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىدىيە جەھەتتە ۋە سىياسىي ھەرىكەتتە شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش» نى قارار قىلغان. قاراردا يەنە ۋەكىللەردىن «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يادرولۇق نۇقتىسىغا مەركەزلىشىپ……سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئەمەل قىلىشى» تەلەپ قىلىنغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرئىتىنى بۇ يىلمۇ 5 پىرسەنت، دەپ بېكىتىپ، ئۆتكەن يىلقى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەنى ساقلايدىغانلىقى پەرەز قىلسىمۇ، ئەمما خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكى تەھلىلچىلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئۆسۈشى 4.6 پىرسەنت بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلماقتىكەن.