19-قۇرۇلتايدا سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، بۈگۈن 19-قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىشىدىن كېيىن ئاتالمىش شىنجاڭ ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر چېن چۈەنگونىڭ سىياسىي بيۇروغا كىرىش -كىرمەسلىكىنى ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەنىمۇ جاساسەتلەدۈرۈش ياكى جاسارەتلەندۈرمەسلىك مەسىلىسى دەپ قاراپ كەلگەن.
چېن چۈەنگونىڭ مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاقسۇ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئىككىيۈزلىمىچىلەرگە داۋاملىق ھوشيار بولۇش، تېخىمۇ كەڭ پاش قىلىش ۋە ئاداققىچە كۈرەش قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. ئۇيغۇر رايونىدا چېن چۈئەنگو دەۋرىدە باشلانغان ئىككىيۈزلىمىچىلىككە قارشى ھەرىكەت، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىدە خىتايغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلاشمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تارتىپ يېزىلاردا مەسچىت جامائىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان پارتىيە ئەزاسىغا قەدەر زەربە نىشانى بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يەرلىك دائىرىلەر نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئاھالىلەرگە چۈشەندۈرگەندە، سەۋەبنى 19-قۇرۇلتاينڭ بىخەتەرلىكىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن ۋە قۇرۇلتايدىن كېيىن ۋەزىيەتتىكى جىددىيچىلىكنىڭ پەسىيىدىغانلىقى يەنى يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە شەپە بەرگەن. ئاقسۇ تورىدىكى بۈگۈنكى ماقالىدا يەنە «ئىككىيۈزلىمىچىلەرگە قارشى تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلىپ، باش نىشانغا مەركەزلىشىش» تەشەببۇس قىلىنغان.
مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بەلگىلىك بىر قىسمىنى قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ سىياسىي بيۇروغا كىرەلىشى ۋە ئاقسۇ تورىدىكى يۇقىرىقى چاقىرىقلارنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت دەپ قاراشماقتا.