پەيزىۋاتتىكى بىر ئەمەلدار: «‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەر ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەردىنمۇ خەتەرلىك»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى قەسەمنامە ياكى «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۈگۈن «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر قەسەمنامىدە تەنقىد نىشانى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تىن كۆپرەك «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە مەركەزلەشكەن.

«‹ئۈچ خىل كۈچ› ۋە ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن» ماۋزۇلۇق بۇ قەسەمنامىدا مۇنداق دېيىلگەن: «زوراۋان تېررورچىلارغا سېلىشتۇرغاندا ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەر تېخىمۇ ھېلىگەر، تېخىمۇ قارانىيەت. ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە تېخىمۇ ئېغىر».

بۇ قەسەمنامە پەيزىۋات ناھىيەلىك ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك ئەزاسى تۇرغۇن يۈسۈپ تەرىپىدىن يېزىلغان. خوتەن دائىرىلىرى يېقىندا «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى پاش قىلىدىغان يىپ ئۇچىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى 500 مىڭ يۈەن بىلەن 1 مىليون يۈەن ئارىلىقىدا مۇكاپاتلايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىل ئۇقتۇرۇش ۋە باياناتلاردىكى بۇ پەرقلەر ۋە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تېخىچە تاقالماسلىقىدەك رېئاللىققا ئاساسەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بىر مەھەل يەنىمۇ ئېغىر زەربە بېرىش نىشانى بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. نورۋېگىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم، ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قاتتىق زەربە دولقۇنىنىڭ پەيدىن -پەي ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارلار قاتلىمىغا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.