خوتەندە يەنە 573 كىشى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە چېتىلغان

خوتەن ۋىلايىتى يېقىندا يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 573 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە چېتىشلىق،» دەپ ئېلان قىلغان.

«خوتەن گېزىتى» نىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قارارىنى مەنبە كۆرسىتىپ تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتى يېقىندا ئىككى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان، 25 يېزا-بازار ۋە 17 كەنتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلغانلارنى بايقاش بويىچە ئۈچىنچى قېتىملىق «تەكشۈرۈش» ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.

تەكشۈرۈش جەريانىدا 573 نەپەر كىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بايقالغان، 31 كىشىگە دېلو تۇرغۇزۇلغان، 25 كىشىگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ كادىرلارنىڭ قالغانلىرىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئەۋەتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خوتەن دائىرىلىرى «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» ۋە «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان كۆزىتىش خىزمەتلىرى ئۆلچىمى» قاتارلىق تۈزۈملەرگە ئاساسەن «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆتىنچى قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتىنى باشلىغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تازىلاش كۈرىشى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالىغان، بەزىلىرىنى ھەتتا ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە شىددەت بىلەن كېڭەيتىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشىغا چېتىلىپ قالغانلار ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى. يۇقىرىدىكى 2021-يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان چارىدىن بۇ خىزمەتنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.