ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى بۇ ھەرىكەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسى ھاياتىنى تەقىب قىلىش، خىزمەتداشلارنى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىشەنچسىز، دەپ قارالغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئالىي مەكتەپ كادىرلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تازىلىغان. خەۋەردە بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە ئالىي مەكتەپلەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق بىلەن ئالاقىسى بار» دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ھەرىكەتتە ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ خادىملىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ، ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ئۈن-سىن ماتېرىيالى ياكى «قۇرئان كەرىم» ساقلىغان، باشقىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتكەن كىشىلەرمۇ جازالانغان. خەۋەردە 2018-يىلى رايونىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تارقاتقان «ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» دا «ئالاھىدە ھەربىي نازارەت ۋە باھالاش گۇرۇپپىسى» تەشكىل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارغا قارىتا ئالاھىدە باھالاش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى بېكىتىشتە ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنىڭ بۇرۇن دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقى، دىنىي ئىدىيەلەرنى تارقاتقان-تارقاتمىغانلىقى، ئاتالمىش «خاتا ئىدىيە، خاتا سۆز، خاتا ئەمەللەر» دە بولغان-بولمىغانلىقى، كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا نازۇك سىياسىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئىپادىسى تەكشۈرۈلگەن. دائىرىلەر يەنە ھەر بىر كىشىنىڭ «تېررورلۇق، زوراۋانلىق، بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق» ھەققىدىكى كىتاب، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكى، ساقلىغان-ساقلىمىغانلىقىغا دائىر سانلىق مەلۇمات توپلىغان. خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە قانچە ئوقۇتقۇچى ۋە ئالىي مەكتەپ كادىرىنى جازالىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىققان.