خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئىشلىگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ۋەقەلىرىنى «تېررورلۇق»، «ئاشقۇنلۇققا» باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاقلىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئەمدى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى «زەھەرلىك دەرسلىك كىتابلىرى» دەپ تەرىپلىگەن ئۇيغۇر دەرسلىك كىتابلار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن جازالانغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ۋە دەرسلىك كىتابلىرىنىمۇ «تېررورلۇق» ۋە «ئاشقۇنلۇققا» باغلىغان.

خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇنىڭ باستۇرۇش نىشانى ھاكىمىيەت، ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت، دىنىي ۋە سودا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا قارىتىلغان. نۇرغۇن سەرخىللەر «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، لاگېرلارغا قامالغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى. «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 56 مىنۇت بولۇپ، پات يېقىندا تارقىتىلىدىكەن.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ئۇچۇر مەتبەئەسى ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ «ئىچىمىزدىكى دۈشمەنلەر» ماۋزۇلۇق بۆلۈمىدە «ئۇزۇندىن بېرى ھۆكۈمەتتە يوشۇرۇنۇۋالغان» «ئىككى يۈزلىمىچى شەخسلەر» نىڭ ئەھۋالىغا ئائىت تىپىك دېلولارنى، شۇنىڭدەك تۇنجى قېتىم «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئاشكارىلايدىغانلىقى» بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلغان كادىرلارنى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قولغا ئېلىپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ياكى لاگېرلارغا قامىغانىدى.