يەكەن ناھىيىسىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.04

يەكەن ناھىيىسىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ يوڭجىمۇ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن. خىتاينىڭ سىنا تور بېتى تارقاتقان ئۇچۇردىن قارىغاندا، ۋاڭ يوڭجى بۇ يىل 3-ئايدا تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرى تېخى 1-دېكابىر كۈنى ئۇنىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋاڭ يوڭجى سىياسىي ئىنتىزامغا، كومپارتىيەنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار يوليورۇقى» غا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. دائىرىلەر ۋاڭ يوڭجىنى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇش، مەركەزنىڭ 8 خىل قارارىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، قاتتىق قول بولماسلىق، پارا ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىگەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرى ۋاڭ يوڭجىغا قاراتقان ئەيىبنامىسىدە ئۇنى پارتىيە بىلەن غايىسى ۋە ئىرادىسى بىردەك بولمىغان، پارتىيىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ پەيلىنى قەتئىي ئۆزگەرتمىگەن، سېپى ئۆزىدىن «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن جاي-جايلاردا «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلىرى، زىيالىيلىرى ۋە ئاممىسىغا زەربە بەرگەن ھەم ئۇلارنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى تەنقىدلەنمەكتە. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىر خىتاي كادىرغا «ئىككى يۈزلىمىچى» ئىبارىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى تېخى كۆرۈلمىگەن ئەھۋال بولۇش بىلەن بىرگە، ۋاڭ يوڭجىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەرگە قارىتا تەنقىدىي پىكىردە بولغانلىقى ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇشى ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.