ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلىمەكتە
2017.05.07
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 9-ماي كۈنىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ تەسلىم بولغان،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان كۈن سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كەلگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى 26 يىل جەريانىدىمۇ بۇ كۈن رۇسىيە بىلەن بىر قاتاردا بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئىزچىل خاتىرىلەنمەكتە.
بۇ يىل 9-ماي كۈنى «غالىبىيەت»نىڭ 72 يىللىقى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان ھايات تارىخى شاھىدلارغا خاتىرە بۇيۇم تارقىتىش، تۇرمۇش خىراجىتى بېرىش، ئۇرۇش جەريانلىرى ۋە ئۇنىڭ پاجىئەلىرى ھەققىدە ئەسلىمە ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلىش ھەم باشقا پائالىيەتلەر باشلانغان.
قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە بولسا، 1941-1945-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا جەڭ مەيدانلىرىدا جەڭ قىلىپ، بېرلىننى ئېلىشقا قاتناشقان ۋە بۇ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن 1995-يىلى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قازاقىستان خەلق قەھرىمانى»نامى بېرىلگەن مۆردۇن تېيىپوفنى خاتىرىلەش ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
1941-1945-يىلىدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا قانچىلىك ئۇيغۇر جەڭچىسى ئۆلگەنلىكى، ھازىر قانچىلىك ئادەم ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما تۆت ئادەمگە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستان خەلق قەھرىمانى دېگەن نام بېرىلگەن ئىدى.
پەرغانە ئۇچۇر تورىدىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان جەڭچىلەردىن تاجىكىستاندا 447، ئۆزبېكىستان 1615، قازاقىستاندا 2776،قىرغىزىستاندا 418 ئادەم ھايات ياشىماقتا. 1941-1945-يىللىرىدىكى ئۇرۇشقا ئۆزبېكىستاندىن بىر يېرىم مىليون ئادەم قاتنىشىپ، 420مىڭ ئادەم ئۆلگەن، قازاقىستاندىن بىر مىليون 360 مىڭ ئادەم قاتنىشىپ، 425 مىڭ ئادەم ئۆلگەن، قىرغىزىستاندىن 360 مىڭ ئادەم قاتنىشىپ، 130 مىڭى ئۆلگەن، تۈركمەنىستاندىن 90 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئېغىر پاجىئە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.