خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلى خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغاندا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ھەمدە خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى 50 يىلغىچە ئۆزگەرتمەسلىك ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ يالغانغا چىقىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان خەلقئارانىڭ تەنقىد تېمىسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ياپونىيەدىكى «ياپونىيە ئاۋانگارتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2-ئىيۇندىكى ماقالىسىدە بۇ ئەھۋال «خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى ئىككىنچى شىنجاڭ قىلىشنى قەستلەۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسىلەندى.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى خوڭكوڭدا ئىجرا قىلماقچى بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنسا خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ھالدا خوڭكوڭنىڭ «بىخەتەرلىك» ساھەسىگە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىكەن. خوڭكوڭدىكى بەزى كىشىلەر بۇ ھالغا قارىتا «خوڭكوڭ ئەمدى ئىككىنچى شىنجاڭ بولۇپ قالىدىغان بولدى» دېيىشمەكتە ئىكەن.
ئاپتورلار بۇنىڭدا 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى «5-ئىيۇل نامايىشى» يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە نارازىلىقى بار، دەپ گۇمان قىلغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنى «قايتا تەربىيەلەش مەكتىپى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىشىنى كۆزدە تۇتقان. ئەمدىلىكتە بولسا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئاشۇ خىل ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.