خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىن تۇتقان فىلىم ئىشلىگۈچى ئىكرام نۇرمۇھەممەدنىڭ تەقدىرى ئەندىشە قوزغىدى

خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كەتكەن فىلىم ئىشلىگۈچى ئىكرام نۇرمۇھەممەد 25-ئۆكتەبىر كۈنى سوتلىنىدىكەن.

ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ئىكرام نۇرمۇھەممەدنى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن بولۇپ، قاماقتىن چىقىرىپ سوتلاش ۋە جىنايەت ئارتىشقا ئەمدى نۆۋەت كەلگەن.

ئىكرام نۇرمۇھەممەد ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىنو ئىشلەش كەسپىدە ئالتە يىل ئوقۇغان بولۇپ، كېيىن بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن قىسقا فىلىملارنى ئىشلىگەن. بۇ فىلىملار خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىكرام نۇرمۇھەممەد تۇتۇلۇپ كېتىشتىن بىر ئاي بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلار ئۇنى چاقىرىپ، كىملىك يۈتۈپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىكرام ئۈرۈمچىگە قايتىشنى رەت قىلغان ۋە تېلېفوننى ئۈزۈۋەتكەن. ئۇنىڭ كېيىن خەۋەر تېپىشىچە، ئۇ ئىستانبۇلدىكى ۋاقتىدا كۈتۈۋالغان بىر ئۇيغۇر تۇتۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەن.

«مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دىن كېيىن، تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۈرمە-لاگېرلارغا سولىغان بولۇپ، 2017-يىل ئىچىدىلا تۇتۇلغانلارنىڭ سانى 500 مىڭغا يەتكەن ۋە ھەر بىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 يېرىم يىل كېسىلگەن.

ئىكرام نۇرمۇھەممەدنىڭ 2023-يىل 5-ئايدا بېيجىڭدىن تۇتۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر سەر خىللىرىنىڭ تۈرلۈك بەتناملار بىلەن سوتلىنىپ تۈرمىگە يوللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.