ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 4 دۆلەتنىڭ رەھبىرى كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈپ، دۇنيا ئۆزەك تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە يۇقىرى تېخنىكىنى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باغلاشنى قارار قىلىدىكەن.
«نىكېي ئاسىيا» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ 4 دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. «نىكېي ئاسىيا» تۆت دۆلەت رەھبىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق باياناتنىڭ بىر نۇسخىسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، باياناتتا «قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتتە چىداملىق، كۆپ خىل ۋە بىخەتەر تېخنولوگىيە تەمىنات زەنجىرى» نىڭ بۇ ئەللەرنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باياناتتا يەنە تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئائىت ئورتاق پرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، «تېخنىكىنىڭ لايىھەلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىدا بىزنىڭ ئورتاق دېموكراتىك قىممەت قارىشىمىز ۋە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك،» دېيىلگەن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سىناق قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە غايەت زور كۆلەمدىكى يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى.
«نىكېي ئاسىيا» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، باياناتتا خىتاينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ تېخنولوگىيەنى خاتا ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا قارىتا ئىمادا بولۇپ، «تېخنولوگىيەنى قانۇنسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى ئوغرىلاش يەر شارى تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى بۇزىدىغان ئورتاق خىرىس» ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ «ھەل قىلىنىش كېرەك» لىكى تەكىتلەنگەن. پرېزىدېنت بايدېن كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوندا ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسون ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنى كۈتۈۋالىدىكەن.