ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئىلھام توختى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

14-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) ئۆزلىرىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ «ئىلھام توختى شەرتسىز قويۇپ بېرىلسۇن» دېدى.

باياناتتا ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغانلىققا توققۇز يىل بولغان بۇ كۈننى ئەسلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. شۇنداقلا بۇ خىل پىكىر قىلىشنىڭ تۈرمىگە لايىق «جىنايەت» ئەمەسلىكىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەندى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېتىدە ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېچىلغان مەخسۇس بەتكە ئىلھام توختىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەمدە خەلقئارانىڭ ئىنكاسى قوشۇمچە قىلىندى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئېنگىن ئەرئوغلى (Engin Eroglu) شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك» دېگەن سۈرەتنى كۆتۈرگەن كوللىكتىپ سۈرەتنى ھەمبەھىرلىدى.

ئىلھام توختىنىڭ كونا تونۇشلىرىدىن بولغان خىتاي زىيالىسى ساۋ ياشۆ 13-يانۋار كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تور بېتىدە «ئىلھام توختى بىلەن سۆھبەت» تېمىسىدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلدى. ئۇ ئوبزوردا ئىلھام توختى بىلەن بولغان غايىبانە سۆھبەت خاتىرىسىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ھاياتى، بېيجىڭدىكى ھاياتى ۋە تۈرمىدىكى ھاياتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.