كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدىن ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ھېلىھەم تۈرمىدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقان بارلىق ئ‍وقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى 12-ئايدا ئاشكارىلانغان مەھبۇسلار تىزىملىكىدىن ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىدىن 6 نەپىرىنىڭ 2014-يىلى دېكابىردا 3 يىلدىن 8 يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. مەزكۇر تەشكىلات 1-ئاپرىل ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاماق جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت، مۇتەللىپ ئىمىن، پەرھات خالمۇرات، ئاتىكەم روزى، شۆھرەت نىجات، ئەكبەر ئىمىن، لو يۈيۋېي قاتارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قولغا ئېلىنغان ئىدى. چاقىرىقتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئېغىر باستۇرۇشى بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ داۋاملىق مەلۇم شەكىلدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ياكى نەزەربەنت ئاستىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتا…. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.»

يۇقىرىقى 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىكى ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇربىز» ناملىق تور بېتىنى باشقۇرۇشقا قاتناشقان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئاشكارىلانغان مەھبۇسلار تىزىملىكىدىن بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بەشىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. ئاتىكەم روزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىن-بىر قىز بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ 2021-يىلى 4-ئايدا تارقاتقان بىر تەشۋىقات فىلىمىدە مەھبۇس كىيىمىنى كىيىپ سۆزلىگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتىكەم روزى «شىنجاڭ ئاياللار تۈرمىسى» گە قامالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاماق جازاسى 2018-يىلى 1-ئايدا توشاتتىكەن.