خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بىلەن خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى نەيتىن لۇ 2020-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق ئالدىنقى 5 نامزات قاتارىغا كىرگەن.
نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى كېلەر ھەپتە 5 نامزات ئىچىدىن بىرىنى تاللايدىكەن. ئىلھام توختى بىلەن نەيتىن لۇ بۇ يىل نورۋېگىيە قەلەملەشلەر مەركىزى تەرىپىدىن نامزالىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئىلھام توختىنىڭ 2019-يىلدىن بېرى 2-قېتىم نامزاتلىققا قايتا كۆرسىتىلىشىدۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن 2019-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.
«ئوسلو تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا تەكىتلىنىشىچە، نۆۋەتتە نەچچە يۈز نامزات ئىچىدىن تاللاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرىدا ئىلھام توختى ۋە نەيتىن لۇ قاتارلىق 5 نامزات قېلىپ قالغان. قالغان نامزاتلار سۇدانلىق ئوقۇغۇچى ئالا سالاھ ۋە سۇداندىكى «ئەركىنلىك-ئۆزگىرىش كۈچلىرى تەشكىلاتى»، رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسىي ناۋالنى ۋە ئۇنىڭ «پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش فوندى»، لىۋىيە ۋە سومالىلىق تىنچلىق پائالىيەتچىسى ھەجەر شەرىف بىلەن ئىلۋاد ئەلمان، «ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى» قاتارلىق شەخس ۋە ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«ئوسلو تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ تورىدىكى ئۇچۇردا تەكىتلىشىچە، «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىلھام توختىغا بېرىلىشى، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇ ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ‹خەلقئارا جەمئىيەت كۆزىتىۋاتىدۇ› دېگەن سىگنالنى بېرىشكە ياردىمى بولىدىكەن.» ئۇچۇردا يەنە «ئىلھام توختىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئېلىنامىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە مىراسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈن كۈچلۈك سىمۋۇل ھەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ كەلگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇددەتسىز قاماققا كېسىۋېتىلگەن ئىدى.