گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام ئەپەندى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېرىكىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى
2014.01.28
28-يانۋار كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم تۇتۇپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىلھامنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە يەنىلا خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بىر كۈندە تۇتقۇن قىلىنغان بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەرھاتنىڭ ئائىلىسى 28-يانۋار كۈنى ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان بولۇپ، پەرھاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۈزەلنۇر خانىمغا يەنە شۇ كۈنى تۇتۇلغان باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گۈزەلنۇر خانىم دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزىگە 28-يانۋار كۈنىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.