ئىلھام توختى يەنە سوراق قىلىنغاچقا، دوختۇرخانىغا بارالمىدى

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشقان سوراق قىلىنىش سەۋەبىدىن قاتتىق چارچاپ يۈرىكىدە ئارامسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئىلھام توختى ئەپەندى، 26-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى يەنە دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە پۇرسەت بولمىغان.

2-فېۋرال ئامېرىكا سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندى، تۈنۈگۈن 25-فېۋرال رادىئويىمىزنىڭ قىسقا زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇدا نەچچە كۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «چاي ئىچىش» نامىدىكى «سۆھبەتلەر» سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچاپ، يۈرىكىدە ئارامسىزلىنىش بولغىنى ئۈچۈن، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ دوختۇرغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.