ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى خىتاينى ئىلھام توختى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رائىس 21-سېنتەبىر جېئورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە دوكلات بەرگىنىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.

سۇزان سۆزىدە خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شياۋبو، شۈ جىيۇڭ، ئىلھام توختى، گاۋ يۈ، پۇ جىچياڭ قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، يازغۇچى، ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئەگەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىماقچى بولسا، قەلىمى ئارقىلىق پىكرىنى بايان قىلغان بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاقساراي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان سۇزاننىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى 13 بەتلىك دوكلاتىدا يەنە، تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە قارىتىلغان مىللىي سىياسىتى، دىنىي سىياسىتى قاتارلىقلاردىكى مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالغان.