ئىلھام توختى دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بېيجىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

بۇ ھەقتە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق ئۆكتىچى زات خۇجيا 2 - نويابىر كۈنى ئاخشىمى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئىلھام توختىنىڭ شۇ كۈنى ئايالى ۋە ئىككى پەرزەنتىنى ئېلىپ ئايرودرومغا، ئانىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، ئۈچ نەپەر پۇقراچە كىيىنگەن دۆلەت ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئىلھام توختى ھەيدىگەن ماشىنىنى ئۇرغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يانفونىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىلھام توختىنى ئاخبارات ۋاسىتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن شۇ كۈنى كەچتە ئىلھام توختىغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولغاندا ئۇنىڭ يانفونى ۋە ئۆي تېلېفونى ئېلىنمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئۇيغۇربىز» تورىمۇ ئىلھام توختىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىق خەۋىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە دېيىلىشىچە، دۆلەت ئامانلىق خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ئۇرغانلىقىنى يوشۇرمىغان ئىكەن.