بېيجىڭدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۇنى كۆزىتىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن خىتاي دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىسى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي ئانالىزچىلار، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن،خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ۋەقە ھەققىدە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان ئىلھام توختىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ئامانلىقنى قوغداش ساقچىسىنىڭ بۇ تەھدىتىدىن باشقا يەنە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قىممەت قارىشىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلھام توختى 2-نويابىر شەنبە كۈنى ئاممىۋى ئالاقە تورى ۋىچاتتا ئۇچۇر يوللاپ، ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، شەخسى ئاپتوموبىلىدا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئىزىغا چۈشكەن دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىسىنىڭ ئاپتوموبىلى تەرىپىدىن سوقۇلغانلىقىنى ۋە ئۇنى سوققان دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىسىنىڭ ئۆزىگە تەھدىت سېلىپ، «شۇنداق سېنى مەن سوقتۇم، مەن سېنىڭ ئىككى ئوغلۇڭ بىلەن ئايالىڭنى سەن بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى! چۈنكى سەن بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى ئوبدان بىلىسەن» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى، ئاپتوموبىل قازاسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلگەن بېيجىڭ ساقچى خادىملىرىنىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىسىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.