ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ، «تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى مۇقىملىق ساقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش» نامىدا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە، 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، تىجارەت، ئوقۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نورمال پائالىيەتلىرى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا چەكىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى گو جىڭلۇڭ ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋاڭ ئەنشۈن قاتارلىقلار بېيجىڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. گو جىڭلۇڭ سۆزىدە، «28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىزگە كۈچلۈك سىگنال بولدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاشتا، دىققەت ئوبيېكتىنى سىرتتىن كېلىپ ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارغا ۋە ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى مېھمانخانىلارنى تەكشۈرۈشكە قارىتىپ، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئۇلار سۆزىدە تەكشۈرۈش نىشانىنىڭ «ئۇيغۇرلار» ئىكەنلىكىنى ئوچۇق دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال پائالىيەتلىرى ھەر خىل توسالغۇلارغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.