گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى گېرمانىيەنى ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى

باش شتابى گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كۈچ چىقىرىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر بايانات 10‏-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ ۋېيمار شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2017‏-يىللىق «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان. ئىلھام توختى بۇ يىل 7‏-ئايدا مەزكۇر مۇكاپاتقا نائىل بولغان ئىدى.

«تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» باياناتىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ پىداكار كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە قويۇپ بېرىلىشىگە كۈچ چىقىرىشىنى ئۆتۈنىمىز،» دېگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىيۇسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىلھام توختى نوقۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە كۆپ مىللەتلىك خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش چارىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئۇلرىخ دېلىيۇس بۇ سۆزلەرنى بۈگۈن «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى ئۆز ئارا دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىشى خىتاي دائىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ، «ئەگەر دائىرىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسىلىلەر زور دەرىجىدە ئازايغان بولاتتى،» دەپ تەكىتلىگەن.

«تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» باياناتىدا يەنە ۋېيمار شەھىرىگە بولغان قايىقللىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، ۋېيمار شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە بېرىشى بىزنى قايىل قىلدى،» دېگەن. ۋېيمار شەھىرى بۇ يىل 7‏-ئايدا «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا خىتاينىڭ گېرمناىيەدىكى ئەلچىخانىسى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.