جەۋھەر ئىلھام دادىسىغا ۋاكالىتەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇپ ئالدى

ياۋروپا پارلامېنتى 18‏-دېكابىر كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2019‏-يىللىق «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىپ بەردى. مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام دادىسىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدى. ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل 7‏-ئايدا بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ ئىلھام توختىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

مۇراسىمدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پرېزىدېنتى دەيۋىد ساسسولى نۇتۇق سۆزلەپ: «ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئاۋازى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. . . . . . . . ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي خەلقى ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ ۋە ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 20 يىل خىزمەت قىلدى» دېگەن.

جەۋھەر ئىلھام مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى خاتىرىلىتىپ، «بۈگۈن خىتايدا ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك يوق. مەكتەپلەردە، جامائەت سورۇنلىرىدا ئەركىنلىك يوق بولۇپلا قالماي، ئۆيلىرىدىمۇ ئەركىنلىك يوق. دادام مۇتلەق كۆپ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش داۋالىنىشقا، مېڭىسى يۇيۇلۇشقا تېگىشلىك كېسەللىك-‹زوراۋان ئەسەبى›دەپ بېكىتىلدى. . . . . . . ھۆكۈمەت ئەسەبىيلىك، دېگەن بۇ خاتا تەرىپلەشنىڭ سايىسىدە بىر مىليون، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادى، تىلى، مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىماقتا، تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا ۋە بەزىلەر ئۆلمەكتە» دەپ تەكىتلىگەن. جەۋھەر ئىلھام يەنە كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەمگە چاقىرىپ: «مەن بۇ زالدىكى ھەر قايسىڭلارغا، شۇنداقلا ئاڭلاۋاتقانلارغا شۇنى ئېيتماقچى، سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تۇتقان مۇئامىلىسىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرۈۋاتامسىز؟ ئەگەر سىز مەسىلە بارلىقىنى كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىڭ.».

ساخاروف مۇكاپاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولۇپ، مەزكۇر مۇكاپات سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىزىكا ئالىمى ئاندرېي ساخاروفنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر مۇكاپات ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.