بۇ يىل 23-سېنتەبىر، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى، خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىغا نەق 9 يىل بولغان كۈندۇر.
ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىشى، خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 5-6 يىلدىن بېرى ئىلھام توختىنىڭ قايسى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى، ھايات بولسا سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىغا 9 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى قايتا تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل مىككائۇل ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغىنىغا نەق 9 يىل بولغان 23-سېنتەبىر كۈنى، ئىلگىرىكى تىۋىتتېر، يەنى ھازىرقى X كە ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
مايكېل مىككائۇل مۇنداق دەپ يازغان: «23-سېنتەبىر ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 9 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. 2017-يىلدىن بېرى ئۇنى ھېچكىم زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى، شۇنداقلا ھېچكىم ئۇنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئائىلىسى ۋە قەدىرلىك كىشىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشى كېرەك.»
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇل ئەزاسى جىم رىش (Jim Risch) مۇ X تا ئۇچۇر يوللاپ، ئىلھام توختىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جىم رىش مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ سىياسىي غەرەز بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغىنىغا 9 يىل بولدى. مەن ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمەن.»
ئىلھام توختى 2014-يىلى 2-ئايدا بېيجىڭدا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ ئادالەتسىز سوتلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.