28-ئىيۇل كۈنى «ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ 7 يىللىقى خاتىرىلەندى

بۇ يىل 28-ئىيۇل كۈنى، 2014-يىلى يەكەننىڭ ئىلىشقۇ يىزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىققا يەتتە يىل بولغان كۈن بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل شەكىللەردە بۇ كۈننى خاتىرىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ‹ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى›نىڭ 7 يىللىقىدا، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ئۆلتۈرۈلگەن نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئەسلەيدۇ. بىز شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. بۈگۈنكى كۈندە تەخمىنەن ئۈچ مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «‹ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى› خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئىسپاتى. خەلقئارا جەمئىيەت ‹ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى›نى ئەيىبلىمىدى ۋە ئاشۇ قىرغىنچىلىقنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلمىدى. ‹ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى›دىن كېيىن يۈز بەرگەن ‹ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى›دىن كېيىنمۇ خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە ئۆتۈشتە يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولدى. ئەمما بىز ھازىر ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر خەلقىگە تېگىشلىك بولغان ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك».

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئەينى چاغدا «100 گە يېقىن كىشى ئۆلدى»، دېيىلگەن. ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە «ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» دا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە كۆپ.

«بۈيۈك ئېرا گېزىتى» نىڭ ئەينى ۋاقىتتا خەۋەر قىلىشىچە، كانادالىق مۇخبىر ناتان ۋاندەر 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن «ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان يەكەننىڭ ئىلىشقۇ بازىرىغا قارىتا ئاخبارات چەكلىمىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.