ئىمران خاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يولىغا تەڭلەشتۈرۈشى، كەسكىن تەنقىدكە ئۇچرىدى

تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارقا تىرىكى، دەپ قارىلىۋاتقان پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئىمران خان يېقىندا ئىسلامئاباد شەھرىدە چاقىرىلغان «ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى» نىڭ 48-نۆۋەتلىك تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى مەجلىسىدىن كېيىن، ئالاھىدە سۆز قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىىتنى ئاجايىپ زوق بىلەن مەدھىيەلىگەن. ھىندىستاندا چىقىدىغان «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نىڭ 27-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىمران خان يىغىن ئەھلىگە زىياپەت بېرىپ: «خىتاي ھۆكۈمىىتى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ئەمەل قىلىپ ئۆتكەن ئوتتۇز يىل مابەينىدە 700 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى» دېگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى رامىزاندا چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئىمران خاننى بىرنەچچە قېتىم زىيارەت قىلغان. ئىمران خان دەسلەپ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، كېيىنچە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلاردىكى بارلىق ئىسلامىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تېرورلۇققا باغلاپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقان ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يولىغا ئەگەشتى» دەپ ئاشكارا ماختىغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» بۇ ھادىسىنى تەنقىدلەپ: «ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرغا قامىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. ئەمما ئىسلام ئەللىرى ھازىرغىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشى توغرىسىدا سۆز قىلىپ باقمىدى.» دېگەن.

ئىمران خاننىڭ بۇ سۆزلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر ساھەنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام دىنىغا باغلانغان قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشتىن ھالقىپ، ھېلىھەم قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى يۈزتۇرانە ماختىشىنى بەزىلەر «بۇ ئاشكارا مۇناپىقلىق» دېدى.

سابىق ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزايىنىڭ پرېزىدېنتلىق ئىشخانا مۇدىرى، نېبراسكا ئۇنىۋېرسىتېتى «ئافغانىستان تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى شېرجان ئەھمەدزايى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا «ئىمران خاننىڭ مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرگە تەڭلەشتۈرگەنلىكى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىقلىق. بۇ خىل تەڭلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق كىشى شۇنداق لەنەتلىنىدۇ،» دېدى.