ئىمران خان تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان يېقىندا «تېرورلۇق ۋە ئاغدۇرمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ۋەقە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ قالغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى ئاپرېلدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ئىمران خان ئۆزىنىڭ مىليونلارچە ئەگەشكۈچىلىرىنى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىشقا قۇتراتقانلىقى ھەمدە پاكىستاندىكى ئارمىيەنى تەنقىدلەشكە بولماسلىق ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئارمىيەگە ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىش قىسمىتىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھېمايىچىلىرى ئىمران خاننىڭ تۇرالغۇسىنى قاتمۇ-قات ئورىۋالغان ھالدا ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىمران خان 20-ئاۋغۇستتىكى نامايىشتا پاكىستاننىڭ باش ساقچى ئەمەلدارىنى ۋە باش سوتچىسىنى ئەيىبلەپ: «بىز سىلەرنى كەچۈرمەيمىز. ئەكسىچە سىلەرنى سوتقا بېرىمىز» دېگەن. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى «تېرورلۇق ۋە ئاغدۇرمىچىلىق» قا جورۇپ «ئىمران خان بۇنداق دېيىش ئارقىلىق خەلقنى زوراۋانلىققا، قانۇنسىزلىققا ۋە ئىسيانغا قۇتراتماقتا» دېگەن.

«ئاكسيوس» (Axios) تورىنىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىمران خاننىڭ ئەڭ يېقىن ھەقەمسايىلىرىدىن بولغان شاھباز گىل (Shahbaz Gill) ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئارمىيەگە قارشى چىقىشقا قۇترىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىمران خاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدا ئارمىيەنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئىمران خان بولسا كۆپ قېتىم ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا «مېنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن دوستانە ئالاقە ئورنىتىشىم تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈيىقەست پىلانلاپ مېنى ئاغدۇرىۋەتكەن» دېگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئىمران خانغا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەر پۇت تىرەپ قالسا ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىپ سوتقا ئېلىپ چىقىلىشى رەسمىي ھالدا باشلىنىدىكەن. بىرلەشما ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «ناۋادا ئىمران خانغا قارشى ئەيىبلەشلەر سوتتا ئېتىراپ قىلىنسا ئۇ بىرنەچچە يىل قاماقتا ياتىدۇ» دېيىلىدۇ.