خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك ۋەزىيىتىنى رەت قىلالمىغان. ئۇ سۆزىدە «دۇنيادا ھېچ بىر دۆلەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى مۇكەممەل ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك ۋەزىيىتىنى ۋاستىلىك ئېتىراپ قىلغان.
ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ 30 يىلدىن بۇيان ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشنىڭ بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىغان..
ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان دۇنيانىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار نىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىر قاتار پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي باياناتچى بۈگۈنمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.