كومپيۇتېر ئۆزەك (chip) لىرىنى ياساش بىلەن دۇنياغا تونۇلغان Intel شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى مال تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىشلىق ساھەلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى جېكىلەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر باياناتتا ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، مال تەمىنلىگۈچىلەردىن «ھەرقانداق ئەھۋالدا بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا چېتىلىپ قالماسلىق» نى تەلەپ قىلغان.
Intel شىركىتىنىڭ مەزكۇر باياناتى خىتايدىكى «ۋېيبو» مۇنبىرىدە بىرنەچچە خىل تىلدا، جۈملىدىن خىتايچە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن, نەچچە يۈز مىليون خىتاي بۇنىڭغا تۇشمۇ-تۇشتىن ھۇجۇم قوزغىغان. «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن بولغان «گۇەنچا» قاتارلىقلار «Intel شىركىتى غەرb جاھانگىرلىكىنىڭ مەيدانىنى ياقلاپ, بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا قارا سۈركەۋاتىدۇ» دېگەن.
Intel شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلمىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن, خىتاي تور دۇنياسى بۇنىڭغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان. بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار Nike شىركىتىنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى باياناتى ئېلان قىلىنغاندىمۇ بىر قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ھەرقاچان مىللەتچىلىك مەزمۇنىدىكى چۇقانلار ئارىلىشىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ «پېشىۋاسى» دەپ قارىلىۋاتقان خۇ شىجىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «Intel شىركىتىگە ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ قىلغانلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايمىز. دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپقانسېرى ئۇلاردىن ھېساپ ئېلىشىمىز تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدۇ،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، Intel شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا بازىرى خىتاي بولۇپ، ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان ئۇلار مۇشۇ بازار ئارقىلىق غايەت زور پايدا تاپقان ئىكەن.