ئىنتېل شىركىتىنىڭ خىتايدىن كەچۈرۈم سورىشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئىنتېل شېركىتى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدىكى باياناتىدىن كېيىن، خىتايدىن كەچۈرۈم سورىغان. كومپيۇتېر ئۆزەك (chip) لىرىنى ياساش بىلەن دۇنياغا تونۇلغان Intel شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى مال تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىشلىق ساھەلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى جېكىلەپ، بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر باياناتتا ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، مال تەمىنلىگۈچىلەردىن «ھەرقانداق ئەھۋالدا بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا چېتىلىپ قالماسلىق» نى تەلەپ قىلغان.

Intel شىركىتىنىڭ مەزكۇر باياناتى خىتايدىكى «ۋېيبو» مۇنبىرىدە بىرنەچچە خىل تىلدا، جۈملىدىن خىتايچە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نەچچە يۈز مىليون خىتاي تور كېزەرى بۇنىڭغا تۇشمۇ-تۇشتىن ھۇجۇم قوزغىغان.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» ئىنتېلنى قاتتىق تەنقىد قىلغاندىن سىرت يەنە ئىنتېلنىڭ خىتايدىكى ئوبراز ۋەكىلى بولغان خىتاي ناخشىچى ۋاڭ جۈنكەي ئۆزىنىڭ ئىنتېل شىركىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىكەن.

نەتىجىدە بۇ شىركەت 23-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ «ۋېيبو» تورىغا قايتا بايانات بېرىپ، كەچۈرۈم سورىغان. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «گەرچە بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىز ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەت قەدىرلىك خىتاي شېرىكلىرىمىز ئارىسىدا نۇرغۇن سوئال ۋە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى، بىز بۇنىڭدىن قاتتىق ئۆكۈنىمىز.»

بىراق ئىنتېل شىركىتىنىڭ باياناتچىسى CNN تېلېۋىزىيەسىگە قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا ئىنتېل شىركىتىنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا ماس كېلىشىگە داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار: «بىز خىتايدا بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يەر شارى تەمىنلىگۈچىلەر تورىغا ئالاقىدار بەزى قانۇنىي تەلەپ ۋە سىياسەتلەرنى قانداق يەتكۈزىشىمىز توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلدۇق،» دېگەن.

ھالبۇكى، ئىنتېل شىركىتىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرۇشتىن سەللا بۇرۇن خىتايدىن كەچۈرۈم سوراپ بايانات ئېلان قىلىشى، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئىنتېلنىڭ تەلەيسىزلىكى» دەپ باھالاندى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا تىز پۈككەنلىكى تەنقىد قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، Intel شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا بازىرى خىتاي بولۇپ، ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان ئۇلار مۇشۇ بازار ئارقىلىق غايەت زور پايدا تاپقان ئىكەن.