ئىنتېرنېت تورىغا قارىتىلغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 12 تارمىقى بىرلىكتە ئالاھىدە ھەرىكەت قوزغىغان. خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتارلىق 12 ئورۇن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتكە «ئىنتېرنېت قىلىچ ھەرىكىتى» دەپ نام بېرىلگەن.
2021-يىلدىكى ئىنتېرنېت تورىنى نازارەت قىلىش ئالاھىدە ھەرىكىتى ھەققىدىكى خەۋەردە «‹ئىنتېرنېت قىلىچ ھەرىكىتى› دە توردىكى ھەر خىل قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ جازالىنىدۇ،» دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە بۇ ھەرىكەتتە تور سودىسى مۇھىتى ياخشىلىنىدىغانلىقى دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەرىكەتتىكى ئاساسلىق كۈچنىڭ يەنىلا توردىكى مەزمۇنلارنى، سەزگۈر ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشقا قارىتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.